«ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» خاراكتېر جەھەتتىن مەرىپەت تارىتىشتىن ئىبارەت ئەجدادلارنىڭ ئۇلۇغۋار روھىغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۆزلەپ قۇرۇلغان بولۇپ، تور بېكىتىمىز خەلقىمىزگە دىنىي ۋە شەرئىي بىلىملەرنى ئەڭ ئىشەنچلىك، ئاممىباب ۋە بۈگۈنكى دەۋر تىلى بىلەن چۈشەندۈرۈشنى ئاساس قىلغان، ئۇچرىغان دىنى مەسىلىلەرگە شەرىئەت نۇقتىسىدىن ئىلمىي جاۋاب بېرىش ئارقىلىق دىنىي بىلىم ساھەلىرىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى ئۆزىگە بۇرچ قىلغان بىر تور مۇئەسسەسەسىدۇر. مەزكۇر ئەپ خەلقىمىزنىڭ تور بوشلۇقىمىزدىكى مەزمۇنلاردىن تېخىمۇ قولاي پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى.